مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554814
0991 - 8554813
مۇلازىمىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ باققان ئورۇنلارغا مەلۇمكى، شىركىتىمىز تىپىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى، شۇنداقلا تېخنىكىلىق مۇلازىمەت شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى) تۈرلىرىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تاكى مەھسۇلات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىغىچە بولغان قەدەم-باسقۇچلارنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق پىلانلاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال (سۇپا، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپ ۋە ئۈندىدار ئەپچىسى قاتارلىقلار) ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش - شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يىللاردىن بۇيان مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان نەچچە ئون يۇمشاق دېتالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ پۈتتۈردى.
شىركىتىمىز «ICP ئەنگە ئالدۇرۇش»، «يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»، «يۇمشاق دېتال مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى»، «تېلېگراف قوشۇلما قىممەت كەسىپلىرى تىجارەت ئىجازەتنامىسى»، «تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى»، «فىلىم ئىشلەش ئىجازەتنامىسى»، «فىلىم تارقىتىش ئىجازەتنامىسى» قاتارلىق رەسمىيەت-ئىجازەتنامىلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدۇ.
شىركىتىمىز يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىنتېرنېت+ ئىدىيەسى بويىچە ئىشلىگەن بەزى سۇپا تۈرىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ مەلۇمات تېخنىكىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەتتى.
ئىزدەش موتورلىرىدىن 人工智能,大数据,云计算,互联网+ ھالقىلىق سۆزلىرىنى ئىزدىسىڭىز، بۇ ھەقتە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.
ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ... ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ... ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ... ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ... ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ...
ئاۋاز/سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ ...
شىركىتىمىز بۈگۈنگە قەدەر كۆپ تىللىق بىر نەچچە ئېلېكتىرونلۇق سودا (تور سودىسى) سۇپىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، بۇ جەرياندا، نوقۇل تېخنىكىلىق ئېچىش خىزمىتىدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قانداق باشلاش، قانداق يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كىتاب يېزىش، ژۇرنال، تور بېكەتلەردە ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق بەزى كونكېرت خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
شىركىتىمىز IT غا دائىر يىغىن ۋە كۆرگەزمىلەرنى پىلانلايدۇ ۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ. IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تولۇقلاپ تەييارلىنىۋاتىدۇ ...
سىز مەلۇم تۈرنى ئاچماقچى بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە گاڭگىراپ قالغانسىز، ئۇنداقتا، بىزنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
شىركىتىمىز رايونىمىزدىكى غوللۇق IT شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگان، شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئەڭ يېڭى IT ئۇچۇرلىرى، پىلانلىرى، مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ھەقلىق ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدۇ.
يۇلتۇزسوفت - سۈپەت، ئىشەنچ، ئىناۋەت، سەمىمىيلىكنى ئۆزىگە مىزان قىلغان، زامانىمىزدىكى ئىلغار ئىدىيەلىك ياشلارنىڭ جەمگاھىدۇر. مەن بۇ شىركەتنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىغا تىلەكداشمەن.
يۇلتۇزسوفتنىڭ تېخنىكىسى ئىلغار، مۇلازىمىتى ئەلا ئىكەن. شىركىتىمىز يۇلتۇزسوفت شىركىتىگە ھاۋالە قىلىپ ياساتقان ئىككى تور بېكەت ۋە بىر ئەپ ئىقتىدارلار بويىچە پۈتۈپ، دېيىشكەن قەرەلدە قولىمىزغا تەگدى. بىز ھەر قايسى جەھەتلەردىن سىلەردىن بەك رازى بولدۇق. تېخىمۇ كۆكلەپ كېتىڭلار!
مەن سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلاردىن ئىنتايىن رازى، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە خىزمەت قىلىش روھىڭلارنىڭ خاسىيىتىدە بىلوگىم ئىنتايىن سۈپەتلىك ۋە مۇقىم يۈرۈشكەن ئىدى. يۇلتۇزسوفت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ روناق تاپقاي!
3 يىلدىن بېرى ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز تور بېكىتىگە يۇلتۇزسوفت تەمىنلىگەن تور بوشلۇقىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز، ئەڭ باشتىكى تور بېكەت ئەنگە ئالدۇرۇشتىن تارتىپ، 3 يىلدىن بۇيانقى ئەتراپلىق، ئەلا مۇلازىمىتى بىزنىڭ ئاممىۋى كەپتەرخانا ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشىمىزنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلدى.
يۇلتۇزسوفت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى IT كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن ئىدارە-ئورۇن ۋە كارخانىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى ۋە ئىزچىل ئالقىشلىنىپ كەلدى. ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يۇلتۇزسوفت شىركىتىنىڭ ئىش قىلىشتىكى ئەستايدىللىقى ۋە كەسىپچانلىقىغا ھەقىقەتەن قايىلمىز. بۇ شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمىز .
يۇلتۇزسوفت ئۈزۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، IT ساھەسىدىكى مۇئەييەن بوشلۇقنى تولدۇردى. مەن بۇ شىركەتنىڭ يېڭى ئىدىيە، كوزۇر مەھسۇلات، زامانىۋىي مۇلازىمەت سىستېمىسىغا ئىگە غوللۇق كارخانىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەزى تۈرلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى ئىستەيمەن.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.