مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554814
0991 - 8554813
شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.
يۇلتۇزسوفتنىڭ باشقۇرۇشىدا شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئىككى شىركەت بار. پات ئارىدا ئاقسۇغا شۆبە شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش، IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
يۇلتۇزسوفت ئىككى جايدىكى خىزمەت ئورنىدا 26 نەپەر يۇقىرى ساپالىق، تېخنىكىلىق خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا، 500 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كۆلەمدىكى تىنچ، ئازادە، ئۆلچەملىك ئىشخانا مۇھىتىغا ئىگە.
يۇلتۇزسوفت شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نوپۇزلۇق IT شىركەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، IT تېخنىكىلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، قىيىن ئۆتكەللەرگە ھەمكارلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، قانۇنىيلىققا، يېڭى ئىدىيەگە، ئىجادىيلىققا ئىگە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تۈر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تۇتقان.
يۇلتۇزسوفت «قوش يۇمشاق دېتال كارخانىسى»، «تېلېگراف كەسىپلىرى تىجارەت كارخانىسى»، «تور مەدەنىيىتى تىجارەت كارخانىسى»، «ئۇچۇر سىستېمىسى توپلاشتۇرۇش كارخانىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىگە ھەيئەت ئەزا كارخانا» ۋە قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇمشاق دېتال كەسپىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىش كەسپىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىش ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا» ۋە قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا ئاشكارا نەشر قىلىنىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال- ‹كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش› ژۇرنىلىغا مەسئۇل كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى كارخانا»، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى ‹گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى› نامىنى بەرگەن كارخانا»، «خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان كارخانا»، «بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى» قاتارلىق سالاھىيەت ۋە شەرەپلەرگە ئىگە.
يۇلتۇزسوفت يۇمشاق دېتال ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن ئىدارە-ئورۇن ۋە شىركەتنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يۇلتۇزسوفت شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلىنغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇلتۇزسوفت شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقات دائىرىسىدە ۋاقىت، سۈپەت ۋە ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، ھەرقايسى ئورۇنلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.
نۆۋەتتە، يۇلتۇزسوفت جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بازىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.
ئەمەتجان رۇسۇل، ئەر، ئۇيغۇر، 1978-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش تارىخىغا، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى قاتارلىق سالاھىيەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇ پىروگرامما لايىھەلەش، يۇمشاق دېتال ئېچىش، يۇمشاق دېتال تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتتە 20 نەچچە يىللىق تەجرىبىگە ئىگە، .NET, C/C#, PHP/MYSQL قاتارلىق پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ.
2001-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ تەكلىپلىك كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، «گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى» دا بىلىم ئاشۇرۇپ، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا ئۇ قاتناشقان «دۇنيا ئىقتىسادىنى كۆزىتىش ۋە پەرەز قىلىش سىستېمىسى» تۈرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى تەرىپىدىن «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 9-نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، ئۇ «گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى ياش» نامىغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 2-ئايدا، بىر نەچچە كەسىپدىشىنى تەشكىللەپ، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىنى قۇرغان.
2011-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
2011-يىلى 12-ئايدا، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك (XJCFAN) شىركىتىنى قۇرغان.
2016-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك (Yultuzsoft) شىركىتىنى قۇرغان.
2017-يىلى 4-ئايدا، ئۇ يازغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا بۇ ماقالىنى شىنجاڭ گېزىتى تورى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ تورى، قىزىلتاغ تورى، شىنلاڭ تورى، ئىلى تورى، شىچېڭ تورى، شىنجاڭ گېزىتى ئۈندىدار سالونى، دۆڭكۆۋرۈك خەۋەرلىرى ئۈندىدار سالونى قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى.
بۇ ماقالە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى يازغان تۇنجى پوزىتسىيە ماقالىسى بولۇپ، كارخانىچىلار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىدى.
2017-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى (خەنزۇچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى: 自治区网信办) نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئۇچتۇرپاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن، ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپ، ساقچىخانا، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا «پارتىيەدىن، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلەت تىلى مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە ئون نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى.
2019-يىلى 11-ئايدا، لى لىيەنجيې باشچىلىقىدىكى «بىر فوندى» ۋە ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى جىددىي ئىشلار پىدائىيلىرى فوندىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئۇچتۇرپان جىددىي ئىشلار پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن، ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى سويۇتقا كەنتىدىكى يېتىم-يېسىر، نامرات بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ شىركەت كوللېكتىپىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى، دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چىقىش يولى تېپىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئۇنىڭ بۇ جەريانلاردىكى ئىش ئىزلىرى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلدى.
شىركىتىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدا خېرىدارلار ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى. شىركىتىمىز كىرىمىنىڭ تەخمىنەن 90% قىسمى كونا خېرىدارلارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىدىن ۋە كونا خېرىدارلارنىڭ يېڭى خېرىدارلارغا تەۋسىيە قىلىشىدىن كېلىدۇ.
شىركىتىمىز يۇمشاق دېتال ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن ئىدارە-ئورۇن ۋە شىركەتنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى جۇغلىدۇق.
ئۇنداقتا نېمىشقا بىزنى تاللايسىز؟ تۆۋەندىكى ئەۋزەللىكلىرىمىز بىزنى تاللىشىڭىزغا يېتەرلىك سەۋەب بولغۇسى.
2020/09/10
ئاز كەم ئىككى ئايغا سوزۇلغان يۇقۇمغا قارشى جەڭدە، شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل ئالدىنقى سەپتە پىدائىي بولۇپ جەڭ قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتكە سادىق، خەلققە ياراملىق بىر پەرزەنت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
2019/12/13
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئىنتېرنېت كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئېچىلدى. شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل شىنجاڭ مىللىي كارخانىلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
2019/12/13
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يۇلتۇزسوفت قاتارلىق 48 شىركەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولدى. بۇ يىغىنغا ئاپتونوم رايون ۋە شەھىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ئۈرۈمچىدىكى IT شىركەتلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
2019/12/12
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 8 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.
2019/11/28
«كىراكەش» تاكسى چاقىرىش سۇپىسىنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
2019/11/16
لى لىيەنجيې باشچىلىقىدىكى «بىر فوندى» ۋە ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى جىددىي ئىشلار پىدائىيلىرى فوندىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئۇچتۇرپان جىددىي ئىشلار پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن، شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى سويۇتقا كەنتىدىكى يېتىم-يېسىر، نامرات بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.
2019/09/25
«كىراكەش» تاكسى چاقىرىش سۇپىسى V3.2 نەشرىنىڭ يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى تاپشۇرۇۋېلىندى.
2019/07/16
«كىراكەش» تاكسى چاقىرىش سۇپىسىنىڭ V3.2 سىناق نەشرى ئېلان قىلىندى.
2019/05/27
خەلق تورى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى (2019-يىللىق نۇسخىسى) ئېلان قىلىندى.
2019/04/15
«كىراكەش» تاكسى چاقىرىش سۇپىسىنىڭ ماركا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋېلىندى.
2019/03/11
«كىراكەش» تاكسى چاقىرىش سۇپىسىنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش، ئاۋازلىق ئۇچۇر قالدۇرۇش، ئاپتوماتىك ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى سىناقتىن ئۆتتى.
نەتىجىدە، كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %92 كە، يېڭىدىن قوشۇلغان ئىقتىدارلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %86 كە يەتتى. بۇ نىسبەت - ساھەگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2019/01/13
يۇلتۇزسوفت 3 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى. شىركىتىمىز يېڭى بىر يىلدا ئۆتكەن يىللاردىكى تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.
2019/01/10
شىركىتىمىزنىڭ يېڭى تىجارەت تۈرلىرى تەستىقلاندى. يېڭى تىجارەت تۈرلىرى ئىچىدە رايونىمىزغا نىسبەتەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ھېسابلىنىدىغان «سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار، چوڭ مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، رەسىم پەرقلەندۈرۈش (人工智能、大数据、云计算、语音识别、图像识别)» قاتارلىق تۈرلەرمۇ بار.
2018/12/12
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 7 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.
2018/08/11
ئەلچى سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسى ئېلان قىلىندى.
2018/04/18
«كىراكەش» تاكسى چاقىرىش سۇپىسى V1.0 سىناق نەشرى ئېلان قىلىندى.
2017/12/12
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 6 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.
2017/10/13
«كىراكەش» تاكسى چاقىرىش سۇپىسىنى ئېچىش خىزمىتى باشلاندى.
2017/08/17
ئەدلىيە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى ئېلان قىلىندى.
2017/05/22
يۇلتۇزسوفت ئورگان تورىنىڭ 3-نەشرى ئېلان قىلىندى.
2017/05/08-2017/05/19
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى (خەنزۇچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى: 自治区网信办) نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئۇچتۇرپاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشى بىلەن، شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپ، ساقچىخانا، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا «پارتىيەدىن، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلەت تىلى مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە ئون نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى.
2017/04/20
شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل يازغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا بۇ ماقالىنى دۆلەت ئىچىدىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ تورى، قىزىلتاغ تورى، شىنلاڭ تورى، ئىلى تورى، شىچېڭ تورى، شىنجاڭ گېزىتى ئۈندىدار سالونى، دۆڭكۆۋرۈك خەۋەرلىرى ئۈندىدار سالونى قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى يازغان تۇنجى پوزىتسىيە ماقالىسى بولۇپ، كارخانىچىلار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىدى.
2017/04/01
شىركىتىمىز شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان 5-قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە بولۇش» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
2017/03/04
شىركىتىمىز شىنجاڭ «IT ئۈچ جەمئىيىتى» كېڭەش ئەزالىرى 2017-يىللىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىغا قاتناشتى.
2017/03/03
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كەسىپلەشكەن تۇنجى ساغلاملىق سۇپىسى - ئەلداۋا ساغلاملىق سۇپىسىنىڭ 3-نەشرى ئېلان قىلىندى.
2017/02/28
شىركىتىمىزنىڭ تېببىي ساھەدىكى يەنە بىر مەھسۇلاتى «ئەلداۋا بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلىغۇچ » ئېلان قىلىندى.
2017/01/16
شىنجاڭ ئۇيكۈچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خەلققە قولايلىق كارتىسى سۇپىسى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.
2016/12/12
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 5 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.
2016/11/27
شىنجاڭ ھەرەمباغ مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قوش تىللىق ئورگان تور بېكىتى ئىشقا كىرىشتى.
2016/11/05
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتى قۇرۇلدى، شىركىتىمىز ھەيئەت ئەزا بولۇپ سايلاندى.
2016/10/07
تاشقى پىرۋوت تور بېكىتىنىڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىندى.
2016/09/10
يۇلتۇزسوفت ئەزالىق كارتا باشقۇرۇش سىستېمىسى پۈتۈپ بازارغا سېلىندى.
2016/09/01
بۇلۇت تېخنىكىسى قوللىنىلغان، سىفىرلاشقان مائارىپ مۇلازىمەت سۇپىسى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.
2016/08/27
شىنجاڭ رېكورت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان تورى ئېلان قىلىندى.
2016/06/21
شىركىتىمىز ئىشلىگەن، IT ساھەسىدىكى يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغان «ئەلچىن ئۈندىدار تېلېۋىزىيەسى» ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.
2016/06/08
ئاۋشېڭ گۇرۇھى (ABS GROUP) قوش تىللىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسى ئىشقا كىرىشتى.
2016/05/20
ئۈرۈمچى سالامەت بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆپ تىللىق ئورگان تور بېكىتى ئىشقا كىرىشتى.
2016/04/21
شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى بالا شىركەت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋالدى.
2016/01/13
شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى.
2015/10/16
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 100 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
2015/10/11
تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» خۇلاسە يىغىنى چاقىرىلدى.
2015/10/11
«ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى»نىڭ 3-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
2015/09/05
شىركىتىمىزنىڭ «ئىنتېرنېت+» قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى.
2015/09/01
شىنجاڭ جەنۇب ئالتۇن مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قوش تىللىق «يەر-زېمىن» تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2015/08/29
تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» ئاخىرلاشتى.
2015/07/03
خوتەن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ قوش تىللىق تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2015/06/17
شىركىتىمىز 3-قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە خادىم قوبۇل قىلىشنى باشلىدى.
2015/05/23
«ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى.
2015/05/16
شىركىتىمىز ICTEF نىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.
2015/04/25
تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى.
2015/04/22
ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى.
2015/04/14
iOS ئۈچۈن قازاقچە «پۈتۈك» ئەپى ئېلان قىلىندى.
2015/04/04
iOS ئۈچۈن «پۈتۈك» ئەپى ئېلان قىلىندى.
2015/03/29
«ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى.
2015/02/26
80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تور بېكىتىنىڭ يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.
2015/02/25
يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالاندى.
2015/02/14
ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ Windows/WP/iOS ئەپلىرىنى ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىش پىلانى باشلاندى.
2015/02/08
Windows Phone ئۈچۈن «IT بىلىملىرى جەمگاھى» ئەپى ئېلان قىلىندى.
2015/01/01
Windows Phone ئۈچۈن «پۈتۈك» ئەپىنىڭ 2.0 نەشرى ئېلان قىلىندى.
2014/12/20
«iOS ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس تاماملاندى.
2014/12/20
«Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس تاماملاندى.
2014/11/01
ئەلداۋا تورىنىڭ يېڭى نەشرى ۋە iOS ، Android ئەپلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2014/10/31
ئالماس شىركىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، شىركىتىمىز قاتارلىق سەككىز IT شىركىتىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى قۇرۇلدى.
2014/09/01
«ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرى ۋە WP ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس تاماملاندى.
2014/08/20
Windows Phone ئۈچۈن «پۈتۈك» ئەپى ئېلان قىلىندى.
2014/08/20
«iOS ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس باشلاندى.
2014/08/16
«Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس باشلاندى.
2014/07/25
كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قوش تىللىق تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2014/05/03
«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2014/04/20
«ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرى ۋە WP ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى»دا دەرس باشلاندى.
2014/02/18
شىركەت لىدېرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ كوزېر پىروگراممىسى «ئىستىقبال سەھنىسى»گە قاتناشتى.
2014/02/11
نۇرلۇق ئۆي-مۈلۈكچىلىكى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2014/01/27
ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسى «ئىگىلىك سەھنىسى» ئورگان تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2014/01/05
گىگانىت گرافىك لايىھە بىلوگى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/12/08
پاسئان شېئىرىيەت تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/11/28
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ئاپتورلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى.
2013/08/25
يېڭىشەھەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىللىق تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/08/01
تاشقى پىرىۋوت تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/06/15
گۇاڭجۇ تۈركان توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/05/22
مۇساباي ئىقتىساد تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/05/01
يېڭىشەھەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/04/08
بىلكان شىركىتى ئەنجۈر مۇنبىرى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/03/04
مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/03/04
كېرىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/03/01
بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/02/25
كۈلگىن ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىنىڭ Metro نۇسخىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/02/03
لىدېرىمىز ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالاھىدە پىروگراممىسى «ئىگىلىك سەھنىسى»گە قاتناشتى.
2013/01/22
ئەنخۇي خۇەينەن خەتتاتلار ۋە رەسساملار ئاكادېمىيىسى تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2013/01/22
دىلمۇرات تۇرسۇن مىسران گۈزەل-سەنئەت تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2012/12/15
«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
2012/12/15
شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۈچ تىللىق تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2012/10/07
شىركەت لىدېرى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» پىروگراممىسىدا زىيارەت قىلىندى.
2012/10/01
«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» باشلاندى.
2012/09/01
ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2012/04/20
شىركەت لىدېرى دۆلىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر ژۇرنىلى - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»نىڭ مۇقاۋىسىدا تونۇشتۇرۇلدى.
2012/04/06
چۈشتاق لايىھەخانىسى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2012/04/06
چۈشتاق بىلوگى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2012/04/01
شىركەت لىدېرى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «يەكشەنبىلىك سۆھبەت» پىروگراممىسىغا قاتناشتى.
2012/03/18
بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2012/02/29
DedeCMS V5.7 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.
2012/02/21
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى بىلەن شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى بىرلەشتى.
2012/02/20
«كۈلگىن تورى» قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2012/02/13
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتىنىڭ نەشرى يېڭى نەشرىدىكى سىستېمىغا ئۆزگەرتىلدى.
2012/02/03
«شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2012/01/16
«شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2011/12/22
شىركەت لىدېرى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسى «گۈلىستان» پىروگراممىسىنىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2011/12/18
ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى.
2011/12/12
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى.
2011/12/11
«ئامان بول» ساغلاملىق لىنىيەسى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2011/11/12
گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «شەھەر ئاۋازى» پىروگراممىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
2011/10/15
رايونىمىزدىكى تۇنجى قوش تىللىق تور مۇلازىمەت سۇپىسى Uydata نىڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىندى.
2011/09/01
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئورگان تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2011/06/13
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئانا ژۇرنال «تارىم» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
2011/05/26
گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
2011/05/01
Uydata.com تور مۇلازىمەت سۇپىسى WordPress ئۈچۈن مەخسۇس بوشلۇق ئاجراتتى.
2011/04/12
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى.
2011/04/10
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «يەكشەنبىلىك سۆھبەت»تە «Blog ھەققىدە سۆھبەت» ئۆتكۈزۈلدى.
2011/03/24
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى.
2011/03/18
گۇرۇپپىمىز دۆلىتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر ژۇرنىلى - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل ژۇرنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
2011/03/13
DedeCMS V5.6 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.
2011/01/12
گۇرۇپپىمىز شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «پەن ۋە مائارىپ» پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2010/11/15
DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.
2010/09/15
«شىنجاڭ IT بېكەتلىرى ئائىلىسى» ئېچىۋېتىلدى.
2010/09/10
«جادۇ كۆز ئىزدەش سۇپىسى» ئېچىۋېتىلدى.
2010/07/17
DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى.
2010/07/06
گۇرۇپپا مەسئۇلى شاڭخەي جوجو تور چەكلىك شىركىتى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تەكلىپ قىلىندى.
2010/07/06
DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى.
2010/05/17
تور مۇلازىمەت سۇپىسى Uydata.com ئېچىۋېتىلدى.
2010/02/16
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى تەسىس قىلىندى.
2010/02/13
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.
بىرىنچى. توختام ۋە ھېسابات باياناتى
شىركىتىمىز بىلەن ئىقتىسادىي توختام تۈزىگەن ئىدارە، شىركەتلەر تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بىلىشكە ۋە ئۆلچەملىك بىر تۇتاش باج تالونى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ شەخسلەر پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
1. شىركىتىمىزنىڭ ئەنگە ئېلىنغان ئۇيغۇرچە تولۇق نامى «شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى» بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ماركا نامى بويىچە «يۇلتۇزسوفت» دەپ قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ؛ شىركىتىمىزنىڭ ئەنگە ئېلىنغان خەنزۇچە تولۇق نامى 《新疆伟恒星软件开发有限公司》 بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ماركا نامى بويىچە 《恒星软件》 دەپ قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ.
2. شىركىتىمىزنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسمى ئەمەتجان رۇسۇل بولۇپ، خەنزۇچە 艾买提江·肉苏里 دەپ يېزىلىدۇ.
3. شىركىتىمىزنىڭ ئادرېسى ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا بولۇپ، خەنزۇچە 乌鲁木齐市天山区延安路154号吉利商务基地3楼30室 دەپ يېزىلىدۇ.
4. مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى 8554813-0991، فاكس نومۇرى 8554814-0991، مۇلازىمەت ئېلخېتى service@yultuzsoft.com دىن ئىبارەت.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا، شىركىتىمىزنىڭ ئورگان تور بېكىتى (http://www.yultuzsoft.com) دە ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى. ئەسەر ھوقۇقى باياناتى
1. شىركىتىمىز ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال، سۇپا، تور بېكەت، ئەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ، «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى 计算机软件著作权» غا ئېرىشكەن بولۇپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپلىرىمىزنى يېشىشكە، قانۇنسىز پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.
2. شىركىتىمىز ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپلەرنىڭ كۆرۈنمە يۈز (UI) لايىھەلىرى ئەسەر ھوقۇقى بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ئۈچىنچى. شىركەت ئورگان تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىش باياناتى
1. زىيارەتچىنىڭ ئورگان تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىشى ياكى ئىشلىتىشى زىيارەتچىنىڭ بۇ باياناتتىكى شەرت ۋە ماددىلارغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئورگان تور بېكىتىمىز مۇشۇ ماددىلار بويىچە زىيارەتچىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر زىيارەتچى بۇ ماددىلاردىكى مەزمۇنلارغا قوشۇلمىسا، تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلمىسا ياكى ئىشلەتمىسە بولىدۇ.
2. ئورگان تور بېكىتىمىزنىڭ خالىغان ۋاقىتتا بۇ باياناتنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار، ئەگەر مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەتتە ئۆزگەرگەن مەزمۇنلار ئەسكەرتىلىدۇ. ئەگەر زىيارەتچىلەر ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنلارغا قوشۇلمىسا، تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلمىسا ياكى ئىشلەتمىسە بولىدۇ. ئەگەر زىيارەتچىلەر بۇ بايانات ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنمۇ تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلسا ياكى ئىشلەتسە، بۇ باياناتنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
3. ئورگان تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىشتا ۋە ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشتا زىيارەتچىنىڭ IP ئادرېسىدىن باشقا ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنمەيدۇ. پەقەت ئالاقە بېتىدە زىيارەتچىنىڭ ئىسمى (ياكى تور تەخەللۇسى)، ئېلخەت ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. تور بېكىتىمىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قانۇن دائىرىسىدىكى بىخەتەرلىكىگە، 3-تەرەپكە ئاشكارىلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن، زىيارەتچىنىڭ تور كۆرگۈچىسىنىڭ cookies دا ئۇچۇرلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى قاتارلىق شىركىتىمىزگە مۇناسىۋەتسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زىيارەتچى ئۇچۇرلىرى 3-تەرەپكە ئاشكارىلانسا، شىركىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
4. ئورگان تور بېكىتىمىزدىكى ئۇچۇرلاردىن باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز پايدىلىنىشىغا بولمايدۇ.
5. شىركىتىمىز ئورگان تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىگە، توغرىلىقىغا، راستلىقىغا، بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر ئورگان تورىدىكى مەلۇم ئۇچۇر سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيان يەتسە، شىركىتىمىز مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ.
6. ئورگان تور بېكىتىمىز ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر قىسىم ياكى بارلىق مۇلازىمىتىنى توختىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.
* بۇ باياناتنىڭ ئاخىرىقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىركىتىمىز (يۇلتۇزسوفت 恒星软件) گە تەۋە.
يۇلتۇزسوفت - سۈپەت، ئىشەنچ، ئىناۋەت، سەمىمىيلىكنى ئۆزىگە مىزان قىلغان، زامانىمىزدىكى ئىلغار ئىدىيەلىك ياشلارنىڭ جەمگاھىدۇر. مەن بۇ شىركەتنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىغا تىلەكداشمەن.
يۇلتۇزسوفتنىڭ تېخنىكىسى ئىلغار، مۇلازىمىتى ئەلا ئىكەن. شىركىتىمىز يۇلتۇزسوفت شىركىتىگە ھاۋالە قىلىپ ياساتقان ئىككى تور بېكەت ۋە بىر ئەپ ئىقتىدارلار بويىچە پۈتۈپ، دېيىشكەن قەرەلدە قولىمىزغا تەگدى. بىز ھەر قايسى جەھەتلەردىن سىلەردىن بەك رازى بولدۇق. تېخىمۇ كۆكلەپ كېتىڭلار!
مەن سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلاردىن ئىنتايىن رازى، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە خىزمەت قىلىش روھىڭلارنىڭ خاسىيىتىدە بىلوگىم ئىنتايىن سۈپەتلىك ۋە مۇقىم يۈرۈشكەن ئىدى. يۇلتۇزسوفت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ روناق تاپقاي!
3 يىلدىن بېرى ئاممىۋى كەپتەرخانىمىز تور بېكىتىگە يۇلتۇزسوفت تەمىنلىگەن تور بوشلۇقىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز، ئەڭ باشتىكى تور بېكەت ئەنگە ئالدۇرۇشتىن تارتىپ، 3 يىلدىن بۇيانقى ئەتراپلىق، ئەلا مۇلازىمىتى بىزنىڭ ئاممىۋى كەپتەرخانا ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشىمىزنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلدى.
يۇلتۇزسوفت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى IT كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن ئىدارە-ئورۇن ۋە كارخانىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى ۋە ئىزچىل ئالقىشلىنىپ كەلدى. ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يۇلتۇزسوفت شىركىتىنىڭ ئىش قىلىشتىكى ئەستايدىللىقى ۋە كەسىپچانلىقىغا ھەقىقەتەن قايىلمىز. بۇ شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمىز .
يۇلتۇزسوفت ئۈزۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، IT ساھەسىدىكى مۇئەييەن بوشلۇقنى تولدۇردى. مەن بۇ شىركەتنىڭ يېڭى ئىدىيە، كوزۇر مەھسۇلات، زامانىۋىي مۇلازىمەت سىستېمىسىغا ئىگە غوللۇق كارخانىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەزى تۈرلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى ئىستەيمەن.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.